-
قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى يەككە تىللىق مائارىپمۇ () - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]
قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى يەككە تىللىق مائارىپمۇ؟
ئەركىن سىدىق 2007-يىلى 18-سېنتەبىر
1971-يىلى مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، بىزگە خەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ دەرسنىڭ ھەپتىلىك مىقتارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، بىز بىر ھەپتىدە پەقەت 20-25 ئەتىراپىدىكى خانزۇچە ھەرىپ-سۆزلەرنى ئۈگەنگەن ئىدۇق. 1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋەرسىتىگەئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، بىرىنچى يىلى مەخسۇس خانزۇ تىلى ئۈگەندۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئېلېكتىر ئىنجىنىرلىكىگە ئائىت كەسپىي دەرسلەر ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلگەن بولسىمۇ، بۇ دەرسلەردە بىز دۆلەت بىر تۇتاش تۈزۈپ چىققان خانزۇچە كىتاپلارنى ئىشلەتتۇق. مانا مۇشۇ ھازىر جۇڭگودا "قوش تىللىق مائارىپ" دەپ ئاتىلىدىغان مائارىپ تۈزۈمى بولىشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن 4-5 يىل ئىلگىرى، بىز چەت ئەلدە تۇرۇپ "شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدىكەن" دىگەن گەپنى ئاڭلىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن "بۇ سىياسەت ئۇيغۇر ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگىمۇ كەڭەيتىلىدىكەن"، دىگەن گەپنىمۇ ئاڭلىدۇق. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن مۇشۇ بىر يېڭى سىياسەتنى ئىجرا قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلار قۇلىقىمىزغا ئۈزۈلمەي كىرىپ تۇرىدىغان بولدى. مەن شۇ چاغدىن باشلاپ ئۆز-ئۆزەمدىن توختىماي تۆۋەندىكىدەك سوئاللارنى سوراپ تۇردۇم:
* يولغا قۇيۇلغان بۇ يېڭى ھەركەتنىڭ قانۇن ۋە سىياسەت جەھەتتىكى ئاساسى نىمىدۇر؟ * بۇ ئىشنى قايسى ئىلىم ۋە ئەمەل ئەھلىلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغاندۇ؟ * ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىدىكى ئىلمىي ئاساسى نىمىدۇر؟ * ۋاھاكازالار
مەن "ھەممە ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بار" دەپ ئويلاپ ئادەتلەڭەنلىگىم ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ يەككە تىللىق مائارىپقا ئائىت يوقۇرقىدەك سوئاللىرىمغا جاۋاب تاپقىن كەلدى. لېكىن ئۇ جاۋابلارنى تاپالمىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىنتايىن قىينالدىم. ئىزچىل تۈردە مۇشۇ بىر سىياسەت تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارغا كېلىدىغان تارىخىي زىيانلار توغرىسىدا ئەنسىرىدىم. مۇشۇ سىياسەتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىدىدە قىلغان سۆزىدە، مەلۇم بىر ئەمەل ئەھلىنىڭ "مەن ھەچقانداق ئۇيغۇرچە بىلمەيمەن. ئەمما مەنمۇ بىر ئۇيغۇر بولۇپ ياشاۋاتىمەنغۇ؟" دىگەنلىگىنىمۇ ئاڭلىدىم. بۇ چۈشەنچە ئىنتايىن خاتا ئىدى. ئۇ ھەرگىزمۇ يوقۇرقى يەككە تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە ئىلمىي ئاساس بولالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن "ئەگەر بۇ سىياسەت ئاشۇنداق ئادەملەرنىڭ قولىدىن چىققان بولسا، بىز ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەنمۇ تۈگۈشۈپتۇق،" دەپمۇ ئويلۇدۇم.
مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە جەمىيەت تەرتىۋى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئىجتىمائىي ئەخلاق قانۇن ۋە دىنىي ئېتىقات ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئىلمىي يۇسۇندا ئىش قىلىش ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. بىر مىللەت ئۆزىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى ئۈگىنىشى، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى بىلىشى كەرەك. شۇنىڭ بىلەن مەندە يەنە باشقا يېڭى سوئاللار تۇغۇلۇشقا باشلىدى:
يەككە تىللىق مائارىپ توغرىسىدا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قانۇن ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى تەتقىقاتلار بارمىدۇ؟ ئەگەر بولسا ئاشۇنداق تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى نىمە بولغاندۇ؟ ۋاھاكازالار. تا ھازىرغىچە مەن بۇ سوئاللارغىمۇ جاۋاب تاپالماي كەلدىم.
مەن ھەر قەتىم <a href="http://www.bilik.cn/">www.Bilik.cn</a> تور بېتىگە كىرگەندە، ماۋزۇسى «"مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين"دىن "مەئارىفۇل لۇغەتەين"گىچە» دەپ قويۇلغان بىر ماقالىنى ئۇچرۇتۇپ تۇردۇم. لېكىن بۇ ماۋزۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي، ئۇنى بىر لوغەت توغرىسىدىكى ماقالە ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ كەپتىمەن. بىر قانچە كۈندىن بۇرۇن بىر دوستۇم سوغا قىلغان «شىنجاڭ مەدىنىيىتى» دىگەن جورنالنىڭ 2002-يىللىق 6-سانىنى ۋاراقداۋېتىپ، بۇ ماقالىنى يەنە ئۇچرۇتۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن "بۇ زادى نىمە ماقالىدۇر؟" دەپ ئازراق ئوقۇپ بېقىپ، ئۇنىڭ دەل مەن ئىزدەپ يۈرگەن ئۇچۇرلار بىلەن تولغان بىر ماقالە ئىكەنلىگىنى بىلدىم. ھەمدە ئۇنى پۈتۈنلەي ئوقۇپ چىقتىم.
مېنىڭچە بۇ ماقالە ھەممە ئۇيغۇرلار بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدىغان ماقالە ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى سىياسەت تۈزۈشكە مەسئۇل ئەمەل ئەھلىلىرى ھەممىدىن بەكراك ئوقۇپ چىقىشى كېرەك ئىكەن. مەن بۇ ماقالە ھازىرغىچە ۋەتەندە قانچىلىك ئوقۇلدى، ئۇنىڭ قانچىلىك تەسىرى بولدى، ئۇلارنى بىلمەيدىكەنمەن. بىلىك تور بېتىدە ئۇ 10 مىڭدىن كۆپرەك قېتىم چىكىلىپتۇ. بىر تور بېتى ئۈچۈن بۇ ھېچقانچە چوڭ سان ئەمەس. ئەگەر بىلىدىغانلار بولسا ئاشۇ ماقالىنىڭ ۋەتەندىكى تەسىرى توغرىسىدا مۇشۇ مۇنبەردە ئازراق ئۇچۇر بەرگەن بولساڭلار.
ئەگەر سىياسەت چىقىرىدىغان ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىلىرى بۇ ماقالىنى تېخى كورمىگەن بولسا، بارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، مۇشۇ ماقالىدىن بىر نۇسخىنى شۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى، دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىلىرى ئۈچۈن بۇ ماقالىنى خانزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ يەتكۈزۈپ بېرىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟
ھازىر كىچىگىدىن تارتىپ خانزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە ئىچكىركى ئولكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈنمۇ بۇ ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىش تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن. شۇڭا ئۇئەي (ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىغى) نى بىلمەيدىغانلارغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەن بۇ http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=5359ماقالىنى بىلىك تور بەتىنىڭ
دىگەن ئادرىسىدىن كۆچۈرۈپ، ئۇنى يۇلغۇن يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئۇلي (ئۇيغۇر لاتىن يەزىغى) غا ئۆزگەرتىپ، ئاپتور ۋە بىلىك تور بېتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا مۇشۇ يازمامنىڭ ئاخىرىغا چىقىرىپ قويدۇم. مەن ئۇلارنى باشقىچە پىكىردە بولمايدۇ، دەپ ئويلايمەن، ھەمدە شۇنداق ئۈمىتتىمەن.
ئاخىرىدا مەن مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى دوكتۇر ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانى ئەپەندىمگە، ھەمدە بۇ ماقالىنى ئۇئەي دا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ تەييارلىغۇچى بىلىك تور بېتىدىكى ئەزىمەتلەرگە چوڭقۇر ھورمىتىم ۋە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين"دىن "مەئارىفۇل لۇغەتەين"گىچەhttp://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=5359بىلىك تورى
http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinb2.htmئۇيغۇر لاتىن يىزىقىدىكى ئەسەر
随机文章:
يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (3) 2009/03/06قوش تىللىق مائارىپ 2-قىسىم(2) 2009/01/03قوش تىللىق مائارىپ 2-قىسىم( 1) 2009/01/03ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى 2008/04/05
收藏到:Del.icio.us
قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى يەككە تىللىق مائارىپمۇ
Blog:ھايات دولقۇنى2009-01-31 04:18:19ئالىم ئەركىن سىدىق ماقالىلىرى توپلىمى
Blog:قاينام تور خاتىرىسى2009-01-14 18:45:31






评论
بۇ ئېنقكى بىر خاتا يۆنىلىش! قېنى دۇنيادا قايسى تەرەققى قىلغان،ئىلغار مىللەت ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى خەقنىڭ تىلى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان؟ بىز ئۇيغۇرلار شۇنچە ئاجىز،شۇنچە قورقۇنچاق بولۇپ كەتكەندىمىزمۇ؟نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشتا كەڭ جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلالمايمىز؟نېمە ئۈچۈن بەلگىلىك ساندىكى ئادەملىرىمىز يىغىلىپ،بىرلىشىپ ئىلمى ئاساسلىرىمىز بىلەن يوللۇق تەلەپلىرىمىزنى قويالمايمىز؟ (قوش تىرناقنى چىقىرالماي قالدىم)
قۇساق باقتى ئەلەمدارلار ئىككى ئېغىز گەپ قىلالماي ، گۇدەك ئانا تىلى چىقمىغان بالىلارغا يات تىلدا تىل چىقىرىۋاتىدۇ. يەسلىلىلەرگە بارسا ئادەمنىڭ يۈرىكى ئېچىشىدۇ.
مانا بىز ياشلار-ئوسمۈرلەر مۇشۇنداق سۇئاللارنىڭ ئەڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
مىنىڭچە بۇ ئارىمىزدىن چىققان مۇناپىقلارنىڭ مىللىتىمىزگە "قوشقان" ئەڭ چوڭ تۆھپىسى!